سورة الفجر

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation

ترجمة معاني سورة الفجر باللغة الأويغورية من كتاب Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation

آية رقم 1

سۈرە فەجر


سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
آية رقم 2

سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
آية رقم 3

سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
آية رقم 4

سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
آية رقم 5

ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرىقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك) قەسەم بارمۇ؟
آية رقم 6

پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد - كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
آية رقم 7

پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد - كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
آية رقم 8

بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى
آية رقم 9

شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى اﷲ قانداق جازالىدى
آية رقم 10

شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى
آية رقم 11

ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى
آية رقم 12

ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى
آية رقم 13

پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى
آية رقم 14

پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر

پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ

پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ
آية رقم 17

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر
آية رقم 18

بىر - بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر
آية رقم 19

مىراسنى (ھالال–ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر
آية رقم 20

مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر
آية رقم 21

(ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا
آية رقم 22

پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ - سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا

(گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن
آية رقم 24

ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»
آية رقم 25

شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) اﷲ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ
آية رقم 26

ھەمدە ھېچ ئەھەدى اﷲ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ
آية رقم 27

ئى ئارام تاپقۇچى جان!
آية رقم 28

سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن
آية رقم 29

سەن مېنىڭ (ياخشى) قاتارىغا قوشۇلغىن
آية رقم 30

مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن
تقدم القراءة