وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّـٰلِحَٰتِ وَلَا ٱلۡمُسِيٓءُۚ قَلِيلٗا مَّا تَتَذَكَّرُونَ

ئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن بىلەن كاپىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر


إِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَأٓتِيَةٞ لَّا رَيۡبَ فِيهَا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤۡمِنُونَ

قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ)


وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدۡعُونِيٓ أَسۡتَجِبۡ لَكُمۡۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِي سَيَدۡخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ

پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»


ٱللَّهُ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِتَسۡكُنُواْ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبۡصِرًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ

(كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. اﷲ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (اﷲ نىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، اﷲ نىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ)



الصفحة التالية
Icon