ذَٰلِكُم بِمَا كُنتُمۡ تَفۡرَحُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَبِمَا كُنتُمۡ تَمۡرَحُونَ

بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل - مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر


ٱدۡخُلُوٓاْ أَبۡوَٰبَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ فَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلۡمُتَكَبِّرِينَ

سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان؟


فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيۡنَا يُرۡجَعُونَ

(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، اﷲ نىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ اﷲ نىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)


وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلٗا مِّن قَبۡلِكَ مِنۡهُم مَّن قَصَصۡنَا عَلَيۡكَ وَمِنۡهُم مَّن لَّمۡ نَقۡصُصۡ عَلَيۡكَۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأۡتِيَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ فَإِذَا جَآءَ أَمۡرُ ٱللَّهِ قُضِيَ بِٱلۡحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ

سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر اﷲ نىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، اﷲ نىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ



الصفحة التالية
Icon