وَقَالُواْ لِجُلُودِهِمۡ لِمَ شَهِدتُّمۡ عَلَيۡنَاۖ قَالُوٓاْ أَنطَقَنَا ٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَنطَقَ كُلَّ شَيۡءٖۚ وَهُوَ خَلَقَكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن اﷲ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ


وَمَا كُنتُمۡ تَسۡتَتِرُونَ أَن يَشۡهَدَ عَلَيۡكُمۡ سَمۡعُكُمۡ وَلَآ أَبۡصَٰرُكُمۡ وَلَا جُلُودُكُمۡ وَلَٰكِن ظَنَنتُمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَا يَعۡلَمُ كَثِيرٗا مِّمَّا تَعۡمَلُونَ

سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار (يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ، كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار، ۋەھالەنكى، ئەزالىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار)، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «اﷲ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار


وَذَٰلِكُمۡ ظَنُّكُمُ ٱلَّذِي ظَنَنتُم بِرَبِّكُمۡ أَرۡدَىٰكُمۡ فَأَصۡبَحۡتُم مِّنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ

پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار


فَإِن يَصۡبِرُواْ فَٱلنَّارُ مَثۡوٗى لَّهُمۡۖ وَإِن يَسۡتَعۡتِبُواْ فَمَا هُم مِّنَ ٱلۡمُعۡتَبِينَ

ئەگەر ئۇلار (ئازابقا) چىدىسا، (چىداملىقنىڭ پايدىسى يوق) دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار (اﷲ تىن) رازىلىق تىلىسە، ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ



الصفحة التالية
Icon