مَّنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَسَآءَ فَعَلَيۡهَاۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّـٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ

كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر


۞إِلَيۡهِ يُرَدُّ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِۚ وَمَا تَخۡرُجُ مِن ثَمَرَٰتٖ مِّنۡ أَكۡمَامِهَا وَمَا تَحۡمِلُ مِنۡ أُنثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلۡمِهِۦۚ وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ أَيۡنَ شُرَكَآءِي قَالُوٓاْ ءَاذَنَّـٰكَ مَامِنَّا مِن شَهِيدٖ

قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت اﷲ قا خاستۇر (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى اﷲ تىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ). مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى اﷲ نىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، ئۇ كۈندە اﷲ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم (يەنى سىلەر ماڭا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەر) قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا ھېچ كىشى (سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ


وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَدۡعُونَ مِن قَبۡلُۖ وَظَنُّواْ مَا لَهُم مِّن مَّحِيصٖ

ئۇلار ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) چوقۇنغان بۇتلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ، ئۇلار (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ


لَّا يَسۡـَٔمُ ٱلۡإِنسَٰنُ مِن دُعَآءِ ٱلۡخَيۡرِ وَإِن مَّسَّهُ ٱلشَّرُّ فَيَـُٔوسٞ قَنُوطٞ

ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ



الصفحة التالية
Icon