وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُم بِمَا ضَرَبَ لِلرَّحۡمَٰنِ مَثَلٗا ظَلَّ وَجۡهُهُۥ مُسۡوَدّٗا وَهُوَ كَظِيمٌ

ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مەرھەمەتلىك اﷲ قا مەسەل قىلغان نەرسە (يەنى قىز بالا) بىلەن بېشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا)، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ


أَوَمَن يُنَشَّؤُاْ فِي ٱلۡحِلۡيَةِ وَهُوَ فِي ٱلۡخِصَامِ غَيۡرُ مُبِينٖ

(ئۇلار اﷲ قا) زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان (قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟)


وَجَعَلُواْ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةَ ٱلَّذِينَ هُمۡ عِبَٰدُ ٱلرَّحۡمَٰنِ إِنَٰثًاۚ أَشَهِدُواْ خَلۡقَهُمۡۚ سَتُكۡتَبُ شَهَٰدَتُهُمۡ وَيُسۡـَٔلُونَ

ئۇلار مەرھەمەتلىك اﷲ نىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتىقاد قىلدى، اﷲ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ (يەنى ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىدۇ؟) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى (ئۇلارنىڭ نامە - ئەمالىغا) يېزىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ


وَقَالُواْ لَوۡ شَآءَ ٱلرَّحۡمَٰنُ مَا عَبَدۡنَٰهُمۗ مَّا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ

ئۇلار: «مەرھەمەتلىك اﷲ خالىسا، بىز ئۇلارغا (يەنى پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى (يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ


أَمۡ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ كِتَٰبٗا مِّن قَبۡلِهِۦ فَهُم بِهِۦ مُسۡتَمۡسِكُونَ

ئۇلارغا بىز قۇرئاندىن ئىلگىرى (قانداقتۇر) بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابقا مەھكەم ئىسىلامدۇ؟



الصفحة التالية
Icon