وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦٓ إِنَّنِي بَرَآءٞ مِّمَّا تَعۡبُدُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن مەن راستلا ئادا - جۇدامەن


إِلَّا ٱلَّذِي فَطَرَنِي فَإِنَّهُۥ سَيَهۡدِينِ

پەقەت مېنى ياراتقان اﷲ مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ»


وَجَعَلَهَا كَلِمَةَۢ بَاقِيَةٗ فِي عَقِبِهِۦ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ

ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئەۋلادىدىن (شېرىك كەلتۈرگەنلەر) ئىمانغا قايتسۇن دەپ ئەۋلادى ئىچىدە قالدۇرۇپ كەتتى


بَلۡ مَتَّعۡتُ هَـٰٓؤُلَآءِ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ وَرَسُولٞ مُّبِينٞ

بەلكى مەن بۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) نى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى (ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە نېمەتتىن) بەھرىمەن قىلدىم، تاكى ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) ۋە روشەن پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگۈچە


وَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ قَالُواْ هَٰذَا سِحۡرٞ وَإِنَّا بِهِۦ كَٰفِرُونَ

ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېيىشتى


وَقَالُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ عَلَىٰ رَجُلٖ مِّنَ ٱلۡقَرۡيَتَيۡنِ عَظِيمٍ

ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى



الصفحة التالية
Icon