وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٖ جَاثِيَةٗۚ كُلُّ أُمَّةٖ تُدۡعَىٰٓ إِلَىٰ كِتَٰبِهَا ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە - ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» (دېيىلىدۇ)


هَٰذَا كِتَٰبُنَا يَنطِقُ عَلَيۡكُم بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّا كُنَّا نَسۡتَنسِخُ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامە - ئەمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)


فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّـٰلِحَٰتِ فَيُدۡخِلُهُمۡ رَبُّهُمۡ فِي رَحۡمَتِهِۦۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡمُبِينُ

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر


وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَفَلَمۡ تَكُنۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡ وَكُنتُمۡ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ

كاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ)


وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَٱلسَّاعَةُ لَا رَيۡبَ فِيهَا قُلۡتُم مَّا نَدۡرِي مَا ٱلسَّاعَةُ إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنّٗا وَمَا نَحۡنُ بِمُسۡتَيۡقِنِينَ

(سىلەرگە) «اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتتە (يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىدا) ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر (ھەددىدىن زىيادە سەركەشلىكىڭلاردىن): «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار



الصفحة التالية
Icon