قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا لِتَأۡفِكَنَا عَنۡ ءَالِهَتِنَا فَأۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ

ئۇلار: «(ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى


قَالَ إِنَّمَا ٱلۡعِلۡمُ عِندَ ٱللَّهِ وَأُبَلِّغُكُم مَّآ أُرۡسِلۡتُ بِهِۦ وَلَٰكِنِّيٓ أَرَىٰكُمۡ قَوۡمٗا تَجۡهَلُونَ

ئۇ: «(سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت اﷲ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋە لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى


فَلَمَّا رَأَوۡهُ عَارِضٗا مُّسۡتَقۡبِلَ أَوۡدِيَتِهِمۡ قَالُواْ هَٰذَا عَارِضٞ مُّمۡطِرُنَاۚ بَلۡ هُوَ مَا ٱسۡتَعۡجَلۡتُم بِهِۦۖ رِيحٞ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٞ

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار


تُدَمِّرُ كُلَّ شَيۡءِۭ بِأَمۡرِ رَبِّهَا فَأَصۡبَحُواْ لَا يُرَىٰٓ إِلَّا مَسَٰكِنُهُمۡۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز



الصفحة التالية
Icon