وَإِذۡ صَرَفۡنَآ إِلَيۡكَ نَفَرٗا مِّنَ ٱلۡجِنِّ يَسۡتَمِعُونَ ٱلۡقُرۡءَانَ فَلَمَّا حَضَرُوهُ قَالُوٓاْ أَنصِتُواْۖ فَلَمَّا قُضِيَ وَلَّوۡاْ إِلَىٰ قَوۡمِهِم مُّنذِرِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر - بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى


قَالُواْ يَٰقَوۡمَنَآ إِنَّا سَمِعۡنَا كِتَٰبًا أُنزِلَ مِنۢ بَعۡدِ مُوسَىٰ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلۡحَقِّ وَإِلَىٰ طَرِيقٖ مُّسۡتَقِيمٖ

ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق»


يَٰقَوۡمَنَآ أَجِيبُواْ دَاعِيَ ٱللَّهِ وَءَامِنُواْ بِهِۦ يَغۡفِرۡ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُجِرۡكُم مِّنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ

«ئى قەۋمىمىز! اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە اﷲ قا ئىمان ئېيتىڭلار، اﷲ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ»


وَمَن لَّا يُجِبۡ دَاعِيَ ٱللَّهِ فَلَيۡسَ بِمُعۡجِزٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَيۡسَ لَهُۥ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءُۚ أُوْلَـٰٓئِكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ

كىمكى اﷲ قا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، اﷲ تىن باشقا (ئۇنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر



الصفحة التالية
Icon