وَلَوۡ قَٰتَلَكُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوَلَّوُاْ ٱلۡأَدۡبَٰرَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا

ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيىدە) ئۇرۇشسا، ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن (ئۆزلىرىگە) ھېچ ئىگە ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى


سُنَّةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلُۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ ٱللَّهِ تَبۡدِيلٗا

بۇ (يەنى كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىش، مۆمىنلەرنى غەلىبە قىلدۇرۇش) اﷲ نىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، اﷲ نىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن (يەنى اﷲ نىڭ تۇتقان يولى ئۆزگەرمەيدۇ)


وَهُوَ ٱلَّذِي كَفَّ أَيۡدِيَهُمۡ عَنكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ عَنۡهُم بِبَطۡنِ مَكَّةَ مِنۢ بَعۡدِ أَنۡ أَظۡفَرَكُمۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا

اﷲ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيىدە) سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، اﷲ قىلدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر


هُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡهَدۡيَ مَعۡكُوفًا أَن يَبۡلُغَ مَحِلَّهُۥۚ وَلَوۡلَا رِجَالٞ مُّؤۡمِنُونَ وَنِسَآءٞ مُّؤۡمِنَٰتٞ لَّمۡ تَعۡلَمُوهُمۡ أَن تَطَـُٔوهُمۡ فَتُصِيبَكُم مِّنۡهُم مَّعَرَّةُۢ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۖ لِّيُدۡخِلَ ٱللَّهُ فِي رَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۚ لَوۡ تَزَيَّلُواْ لَعَذَّبۡنَا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابًا أَلِيمًا

ئۇلار كاپىر بولدى، سىلەر مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۆز جايىغا يېتىشىدىن توستى، (مەككىدە) سىلەر بىلمەيدىغان ئەر - ئايال مۆمىنلەر بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھقا گىرىپتار بولۇشۇڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى (ئەلۋەتتە اﷲ مەككىگە كىرىشىڭلارغا رۇخسەت قىلاتتى ۋە سىلەرنى كاپىرلارغا مۇسەللەت قىلاتتى)، اﷲ خالىغان ئادەمنى رەھمىتى (دائىرىسىگە) كىرگۈزۈش ئۈچۈن (سىلەرنى مەككىنى پەتھى قىلىشتىن توستى)، ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا (يەنى مۆمىنلەر كاپىرلاردىن ئايرىلسا)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق



الصفحة التالية
Icon