وَفِي مُوسَىٰٓ إِذۡ أَرۡسَلۡنَٰهُ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ

مۇسانىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق


فَتَوَلَّىٰ بِرُكۡنِهِۦ وَقَالَ سَٰحِرٌ أَوۡ مَجۡنُونٞ

پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن (ئىماندىن) يۈز ئۆرىدى، ئۇ: «(مۇسا) سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى


فَأَخَذۡنَٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٞ

پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر


وَفِي عَادٍ إِذۡ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلرِّيحَ ٱلۡعَقِيمَ

ئادنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق


مَا تَذَرُ مِن شَيۡءٍ أَتَتۡ عَلَيۡهِ إِلَّا جَعَلَتۡهُ كَٱلرَّمِيمِ

ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما - تالاڭ) قىلىۋېتەتتى


وَفِي ثَمُودَ إِذۡ قِيلَ لَهُمۡ تَمَتَّعُواْ حَتَّىٰ حِينٖ

سەمۇدنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق


فَعَتَوۡاْ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِمۡ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّـٰعِقَةُ وَهُمۡ يَنظُرُونَ

ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى



الصفحة التالية
Icon