فَأَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ

(بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر


وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ

(ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە - ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر


وَٱلسَّـٰبِقُونَ ٱلسَّـٰبِقُونَ

(ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر


أُوْلَـٰٓئِكَ ٱلۡمُقَرَّبُونَ

ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە اﷲ قا يېقىن بولغۇچىلاردۇر


فِي جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ

ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە اﷲ قا يېقىن بولغۇچىلاردۇر


ثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ

بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر


وَقَلِيلٞ مِّنَ ٱلۡأٓخِرِينَ

بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر


عَلَىٰ سُرُرٖ مَّوۡضُونَةٖ

ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇىشىدۇ



الصفحة التالية
Icon