لَأٓكِلُونَ مِن شَجَرٖ مِّن زَقُّومٖ

چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر


فَمَالِـُٔونَ مِنۡهَا ٱلۡبُطُونَ

ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر


فَشَٰرِبُونَ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡحَمِيمِ

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر


فَشَٰرِبُونَ شُرۡبَ ٱلۡهِيمِ

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر


هَٰذَا نُزُلُهُمۡ يَوۡمَ ٱلدِّينِ

مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر


نَحۡنُ خَلَقۡنَٰكُمۡ فَلَوۡلَا تُصَدِّقُونَ

(ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟


أَفَرَءَيۡتُم مَّا تُمۡنُونَ

سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنىي دەپ بېقىڭلارچۇ


ءَأَنتُمۡ تَخۡلُقُونَهُۥٓ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡخَٰلِقُونَ

ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق


نَحۡنُ قَدَّرۡنَا بَيۡنَكُمُ ٱلۡمَوۡتَ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز



الصفحة التالية
Icon