وَإِنَّهُۥ لَقَسَمٞ لَّوۡ تَعۡلَمُونَ عَظِيمٌ

شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار اﷲ نىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر


إِنَّهُۥ لَقُرۡءَانٞ كَرِيمٞ

شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر


فِي كِتَٰبٖ مَّكۡنُونٖ

كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر


لَّا يَمَسُّهُۥٓ إِلَّا ٱلۡمُطَهَّرُونَ

ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ


تَنزِيلٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر


أَفَبِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ أَنتُم مُّدۡهِنُونَ

(ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟


وَتَجۡعَلُونَ رِزۡقَكُمۡ أَنَّكُمۡ تُكَذِّبُونَ

(سىلەر اﷲ نىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا، رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟


فَلَوۡلَآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلۡحُلۡقُومَ

جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر


وَأَنتُمۡ حِينَئِذٖ تَنظُرُونَ

جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر



الصفحة التالية
Icon