إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحَآدُّونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ أُوْلَـٰٓئِكَ فِي ٱلۡأَذَلِّينَ

شۈبھىسىزكى، اﷲ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئەڭ خار ئىنسانلار قاتارىدىدۇر


كَتَبَ ٱللَّهُ لَأَغۡلِبَنَّ أَنَا۠ وَرُسُلِيٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٞ

اﷲ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، اﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر


لَّا تَجِدُ قَوۡمٗا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ يُوَآدُّونَ مَنۡ حَآدَّ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَوۡ كَانُوٓاْ ءَابَآءَهُمۡ أَوۡ أَبۡنَآءَهُمۡ أَوۡ إِخۡوَٰنَهُمۡ أَوۡ عَشِيرَتَهُمۡۚ أُوْلَـٰٓئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡإِيمَٰنَ وَأَيَّدَهُم بِرُوحٖ مِّنۡهُۖ وَيُدۡخِلُهُمۡ جَنَّـٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ رَضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ أُوْلَـٰٓئِكَ حِزۡبُ ٱللَّهِۚ أَلَآ إِنَّ حِزۡبَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ

اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ اﷲ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى - ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ - دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا اﷲ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، اﷲ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، اﷲ تىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار اﷲ نىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر



الصفحة التالية
Icon