ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ شَآقُّواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۖ وَمَن يُشَآقِّ ٱللَّهَ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار اﷲ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشتى، كىمكى اﷲ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، شۈبھىسىز، اﷲ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ


مَا قَطَعۡتُم مِّن لِّينَةٍ أَوۡ تَرَكۡتُمُوهَا قَآئِمَةً عَلَىٰٓ أُصُولِهَا فَبِإِذۡنِ ٱللَّهِ وَلِيُخۡزِيَ ٱلۡفَٰسِقِينَ

(ئى مۇسۇلمانلار!) سىلەر مەيلى (بەنى نەزىرنىڭ) خورمىلىرىنى كېسىڭلار، مەيلى ئۇنى بۇرۇنقى پېتى ئۆرە قالدۇرۇڭلار، ھەممىسىگە اﷲ رۇخسەت قىلىدۇ، (اﷲ نىڭ رۇخسەت قىلىشى) اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر


وَمَآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡهُمۡ فَمَآ أَوۡجَفۡتُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ خَيۡلٖ وَلَا رِكَابٖ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يُسَلِّطُ رُسُلَهُۥ عَلَىٰ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

اﷲ پەيغەمبىرىگە ئۇلاردىن (يەنى بەنى نەزىرنىڭ ماللىرىدىن) قايتۇرغان غەنىمەتلەرنى سىلەر ئات - تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ (يەنى ئەجىر قىلىپ، جاپا - مۇشەققەت تارتىپ) قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، لېكىن اﷲ پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان ئادەمگە مۇسەللەت قىلىدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر


مَّآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ كَيۡ لَا يَكُونَ دُولَةَۢ بَيۡنَ ٱلۡأَغۡنِيَآءِ مِنكُمۡۚ وَمَآ ءَاتَىٰكُمُ ٱلرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَىٰكُمۡ عَنۡهُ فَٱنتَهُواْۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

اﷲ پەيغەمبىرىگە غەنىمەت قىلىپ بەرگەن ئەلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، اﷲ قا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش - ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، اﷲ تىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر



الصفحة التالية
Icon