أَمۡ أَمِنتُم مَّن فِي ٱلسَّمَآءِ أَن يُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ حَاصِبٗاۖ فَسَتَعۡلَمُونَ كَيۡفَ نَذِيرِ

ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر


وَلَقَدۡ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ

ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقاردى، (ئۇلارنى ئازاب چۈشۈرۈش بىلەن) ئەيىبلىگەنلىكىم قانداق ئىكەن؟


أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلطَّيۡرِ فَوۡقَهُمۡ صَـٰٓفَّـٰتٖ وَيَقۡبِضۡنَۚ مَا يُمۡسِكُهُنَّ إِلَّا ٱلرَّحۡمَٰنُۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءِۭ بَصِيرٌ

ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت اﷲ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر


أَمَّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي هُوَ جُندٞ لَّكُمۡ يَنصُرُكُم مِّن دُونِ ٱلرَّحۡمَٰنِۚ إِنِ ٱلۡكَٰفِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ

سىلەرگە اﷲ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ، كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر (يەنى شەيتان ئۇلارنى ئازاب نازىل بولمايدۇ دەپ ئالدايدۇ)


أَمَّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي يَرۡزُقُكُمۡ إِنۡ أَمۡسَكَ رِزۡقَهُۥۚ بَل لَّجُّواْ فِي عُتُوّٖ وَنُفُورٍ

ئەگەر اﷲ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ، ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر



الصفحة التالية
Icon