إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال - مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ


سَنَسِمُهُۥ عَلَى ٱلۡخُرۡطُومِ

ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز


إِنَّا بَلَوۡنَٰهُمۡ كَمَا بَلَوۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ إِذۡ أَقۡسَمُواْ لَيَصۡرِمُنَّهَا مُصۡبِحِينَ

شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە ئاھالىسىنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى


وَلَا يَسۡتَثۡنُونَ

ئۇلار خۇدا خالىسا دېمىگەن ئىدى


فَطَافَ عَلَيۡهَا طَآئِفٞ مِّن رَّبِّكَ وَهُمۡ نَآئِمُونَ

ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى


فَأَصۡبَحَتۡ كَٱلصَّرِيمِ

ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى


فَتَنَادَوۡاْ مُصۡبِحِينَ

ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر - بىرىنى توۋلاشتى



الصفحة التالية
Icon