قَالُواْ سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ

ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى


فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَلَٰوَمُونَ

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر - بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى


قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا طَٰغِينَ

ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي بىزگە! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق


عَسَىٰ رَبُّنَآ أَن يُبۡدِلَنَا خَيۡرٗا مِّنۡهَآ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا رَٰغِبُونَ

ئۇمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز»


كَذَٰلِكَ ٱلۡعَذَابُۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ

ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر (يەنى قۇرەيشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگە چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر


إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ

تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ


أَفَنَجۡعَلُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ كَٱلۡمُجۡرِمِينَ

بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟



الصفحة التالية
Icon