خُذُوهُ فَغُلُّوهُ
(اﷲ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار،
ثُمَّ ٱلۡجَحِيمَ صَلُّوهُ
ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار،
ثُمَّ فِي سِلۡسِلَةٖ ذَرۡعُهَا سَبۡعُونَ ذِرَاعٗا فَٱسۡلُكُوهُ
ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار»
إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ ٱلۡعَظِيمِ
(ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ اﷲ قا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى
وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ
مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى
فَلَيۡسَ لَهُ ٱلۡيَوۡمَ هَٰهُنَا حَمِيمٞ
بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان) دوست يوقتۇر
وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنۡ غِسۡلِينٖ
ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر
لَّا يَأۡكُلُهُۥٓ إِلَّا ٱلۡخَٰطِـُٔونَ
ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ
فَلَآ أُقۡسِمُ بِمَا تُبۡصِرُونَ
مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)