وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ يُنجِيهِ

(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم - قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ


كَلَّآۖ إِنَّهَا لَظَىٰ

ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر


نَزَّاعَةٗ لِّلشَّوَىٰ

(يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ


تَدۡعُواْ مَنۡ أَدۡبَرَ وَتَوَلَّىٰ

ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل - مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ


وَجَمَعَ فَأَوۡعَىٰٓ

ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل - مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ


۞إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ خُلِقَ هَلُوعًا

ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى


إِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ جَزُوعٗا

ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر



الصفحة التالية
Icon