ثُمَّ نَظَرَ

ئاندىن ئۇ قارىدى،


ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ

ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى،


ثُمَّ أَدۡبَرَ وَٱسۡتَكۡبَرَ

ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى،


فَقَالَ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ يُؤۡثَرُ

«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى،


إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا قَوۡلُ ٱلۡبَشَرِ

«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى


سَأُصۡلِيهِ سَقَرَ

ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن


وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا سَقَرُ

سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟


لَا تُبۡقِي وَلَا تَذَرُ

ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)


لَوَّاحَةٞ لِّلۡبَشَرِ

ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ


عَلَيۡهَا تِسۡعَةَ عَشَرَ

ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر



الصفحة التالية
Icon