مَا سَلَكَكُمۡ فِي سَقَرَ

ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ


قَالُواْ لَمۡ نَكُ مِنَ ٱلۡمُصَلِّينَ

ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق


وَلَمۡ نَكُ نُطۡعِمُ ٱلۡمِسۡكِينَ

مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق


وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ ٱلۡخَآئِضِينَ

بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھودە سۆز قىلاتتۇق


وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ

قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق،


حَتَّىٰٓ أَتَىٰنَا ٱلۡيَقِينُ

تاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق)»


فَمَا تَنفَعُهُمۡ شَفَٰعَةُ ٱلشَّـٰفِعِينَ

شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)


فَمَا لَهُمۡ عَنِ ٱلتَّذۡكِرَةِ مُعۡرِضِينَ

ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ


كَأَنَّهُمۡ حُمُرٞ مُّسۡتَنفِرَةٞ

گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)



الصفحة التالية
Icon