وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ فُرِجَتۡ

ئاسمان يېرىلغان چاغدا


وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ نُسِفَتۡ

تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا


وَإِذَا ٱلرُّسُلُ أُقِّتَتۡ

پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ)


لِأَيِّ يَوۡمٍ أُجِّلَتۡ

(پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟


لِيَوۡمِ ٱلۡفَصۡلِ

خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)


وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلۡفَصۡلِ

ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟


وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!


أَلَمۡ نُهۡلِكِ ٱلۡأَوَّلِينَ

(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟


ثُمَّ نُتۡبِعُهُمُ ٱلۡأٓخِرِينَ

ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق



الصفحة التالية
Icon