وَجَعَلۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ شَٰمِخَٰتٖ وَأَسۡقَيۡنَٰكُم مَّآءٗ فُرَاتٗا

بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق


وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!


ٱنطَلِقُوٓاْ إِلَىٰ مَا كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى) «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)


ٱنطَلِقُوٓاْ إِلَىٰ ظِلّٖ ذِي ثَلَٰثِ شُعَبٖ

(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى) «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)


لَّا ظَلِيلٖ وَلَا يُغۡنِي مِنَ ٱللَّهَبِ

ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ


إِنَّهَا تَرۡمِي بِشَرَرٖ كَٱلۡقَصۡرِ

ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ


كَأَنَّهُۥ جِمَٰلَتٞ صُفۡرٞ

ئۇ ئۇچقۇنلار قارا - سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ


وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!



الصفحة التالية
Icon