مِن نُّطۡفَةٍ خَلَقَهُۥ فَقَدَّرَهُۥ

اﷲ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغۇچە) اﷲ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن - پەي ياراتتى


ثُمَّ ٱلسَّبِيلَ يَسَّرَهُۥ

ئاندىن ئۇنىڭغا (ماڭار) يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى


ثُمَّ أَمَاتَهُۥ فَأَقۡبَرَهُۥ

ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرىنى بەرپا قىلدى


ثُمَّ إِذَا شَآءَ أَنشَرَهُۥ

ئاندىن اﷲ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ


كَلَّا لَمَّا يَقۡضِ مَآ أَمَرَهُۥ

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ اﷲ نىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى


فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ إِلَىٰ طَعَامِهِۦٓ

(بۇ كاپىر) ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن


أَنَّا صَبَبۡنَا ٱلۡمَآءَ صَبّٗا

(بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق


ثُمَّ شَقَقۡنَا ٱلۡأَرۡضَ شَقّٗا

ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق


فَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا حَبّٗا

سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق



الصفحة التالية
Icon