وَثَمُودَ ٱلَّذِينَ جَابُواْ ٱلصَّخۡرَ بِٱلۡوَادِ

شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى اﷲ قانداق جازالىدى


وَفِرۡعَوۡنَ ذِي ٱلۡأَوۡتَادِ

شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى


ٱلَّذِينَ طَغَوۡاْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ

ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى


فَأَكۡثَرُواْ فِيهَا ٱلۡفَسَادَ

ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى


فَصَبَّ عَلَيۡهِمۡ رَبُّكَ سَوۡطَ عَذَابٍ

پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى


إِنَّ رَبَّكَ لَبِٱلۡمِرۡصَادِ

پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر


فَأَمَّا ٱلۡإِنسَٰنُ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ رَبُّهُۥ فَأَكۡرَمَهُۥ وَنَعَّمَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَكۡرَمَنِ

پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ


وَأَمَّآ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ فَقَدَرَ عَلَيۡهِ رِزۡقَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَهَٰنَنِ

پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ



الصفحة التالية
Icon