فَوَسَطۡنَ بِهِۦ جَمۡعًا

(غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇۋاقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا - چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا - چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى،


إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لِرَبِّهِۦ لَكَنُودٞ

ئىنسان ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ (نېمەتلىرىنى) شەكسىز ئىنكار قىلغۇچىدۇر


وَإِنَّهُۥ عَلَىٰ ذَٰلِكَ لَشَهِيدٞ

ئىنسان ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا (يەنى اﷲ نىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) ئەلۋەتتە ئۆزى گۇۋاھتۇر


وَإِنَّهُۥ لِحُبِّ ٱلۡخَيۡرِ لَشَدِيدٌ

ئىنسان پۇل - مالغا ئىنتايىن ھېرىستۇر


۞أَفَلَا يَعۡلَمُ إِذَا بُعۡثِرَ مَا فِي ٱلۡقُبُورِ

قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟


وَحُصِّلَ مَا فِي ٱلصُّدُورِ

قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟



الصفحة التالية
Icon