وَإِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ءَأَنتَ قُلۡتَ لِلنَّاسِ ٱتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيۡنِ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالَ سُبۡحَٰنَكَ مَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أَقُولَ مَا لَيۡسَ لِي بِحَقٍّۚ إِن كُنتُ قُلۡتُهُۥ فَقَدۡ عَلِمۡتَهُۥۚ تَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِي وَلَآ أَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِكَۚ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّـٰمُ ٱلۡغُيُوبِ
ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! سەن كىشىلەرگە، اﷲ نى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن
مَا قُلۡتُ لَهُمۡ إِلَّا مَآ أَمَرۡتَنِي بِهِۦٓ أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۚ وَكُنتُ عَلَيۡهِمۡ شَهِيدٗا مَّا دُمۡتُ فِيهِمۡۖ فَلَمَّا تَوَفَّيۡتَنِي كُنتَ أَنتَ ٱلرَّقِيبَ عَلَيۡهِمۡۚ وَأَنتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن