وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِن جَآءَتۡهُمۡ ءَايَةٞ لَّيُؤۡمِنُنَّ بِهَاۚ قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡأٓيَٰتُ عِندَ ٱللَّهِۖ وَمَا يُشۡعِرُكُمۡ أَنَّهَآ إِذَا جَآءَتۡ لَا يُؤۡمِنُونَ

ئەگەر ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى (بىلدۈرۈپ) اﷲ نىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) مۆجىزىلەر (مېنىڭ ئەمەس)، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ئىش، دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلار، ئېھتىمال، ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكلىرى مۇمكىن


وَنُقَلِّبُ أَفۡـِٔدَتَهُمۡ وَأَبۡصَٰرَهُمۡ كَمَا لَمۡ يُؤۡمِنُواْ بِهِۦٓ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَنَذَرُهُمۡ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ

ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق (نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنى ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز


۞وَلَوۡ أَنَّنَا نَزَّلۡنَآ إِلَيۡهِمُ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةَ وَكَلَّمَهُمُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَحَشَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ كُلَّ شَيۡءٖ قُبُلٗا مَّا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُوٓاْ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَجۡهَلُونَ

بىز ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن (يەنى ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى ئورۇنلىغان) تەقدىردىمۇ، اﷲ خالىمىغۇچە ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ



الصفحة التالية
Icon