قَالَ ٱدۡخُلُواْ فِيٓ أُمَمٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِكُم مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ فِي ٱلنَّارِۖ كُلَّمَا دَخَلَتۡ أُمَّةٞ لَّعَنَتۡ أُخۡتَهَاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا ٱدَّارَكُواْ فِيهَا جَمِيعٗا قَالَتۡ أُخۡرَىٰهُمۡ لِأُولَىٰهُمۡ رَبَّنَا هَـٰٓؤُلَآءِ أَضَلُّونَا فَـَٔاتِهِمۡ عَذَابٗا ضِعۡفٗا مِّنَ ٱلنَّارِۖ قَالَ لِكُلّٖ ضِعۡفٞ وَلَٰكِن لَّا تَعۡلَمُونَ

اﷲ (ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: ‹‹سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كاپىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار››. ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئىلگىرى كىرگەنلەرگە (يەنى باشلىقلىرىغا) قارىتىپ: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن›› دەيدۇ اﷲ: ‹‹ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر (ئازابنىڭ دەھشىتىنى) بىلمەيسىلەر›› دەيدۇ


وَقَالَتۡ أُولَىٰهُمۡ لِأُخۡرَىٰهُمۡ فَمَا كَانَ لَكُمۡ عَلَيۡنَا مِن فَضۡلٖ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡسِبُونَ

ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: ‹‹سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق (يەنى گۇمراھلىقتا ۋەئازابقا تېگىشلىك بولۇشتا بىر - بىرىمىزگە ئوخشاشمىز)، قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار›› دەيدۇ


إِنَّ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَٱسۡتَكۡبَرُواْ عَنۡهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمۡ أَبۡوَٰبُ ٱلسَّمَآءِ وَلَا يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ ٱلۡجَمَلُ فِي سَمِّ ٱلۡخِيَاطِۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُجۡرِمِينَ

شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز



الصفحة التالية
Icon