قَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ لِلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِمَنۡ ءَامَنَ مِنۡهُمۡ أَتَعۡلَمُونَ أَنَّ صَٰلِحٗا مُّرۡسَلٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قَالُوٓاْ إِنَّا بِمَآ أُرۡسِلَ بِهِۦ مُؤۡمِنُونَ

ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى


قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا بِٱلَّذِيٓ ءَامَنتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ

ھېلىقى تەكەببۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى


فَعَقَرُواْ ٱلنَّاقَةَ وَعَتَوۡاْ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِمۡ وَقَالُواْ يَٰصَٰلِحُ ٱئۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ: «راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى


فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دَارِهِمۡ جَٰثِمِينَ

ئۇلارغا قاتتىق ئازاب يۈزلەندى - دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى


فَتَوَلَّىٰ عَنۡهُمۡ وَقَالَ يَٰقَوۡمِ لَقَدۡ أَبۡلَغۡتُكُمۡ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحۡتُ لَكُمۡ وَلَٰكِن لَّا تُحِبُّونَ ٱلنَّـٰصِحِينَ

ئۇ (ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن) ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى



الصفحة التالية
Icon