وَقَالُواْ مَهۡمَا تَأۡتِنَا بِهِۦ مِنۡ ءَايَةٖ لِّتَسۡحَرَنَا بِهَا فَمَا نَحۡنُ لَكَ بِمُؤۡمِنِينَ

ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى


فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلطُّوفَانَ وَٱلۡجَرَادَ وَٱلۡقُمَّلَ وَٱلضَّفَادِعَ وَٱلدَّمَ ءَايَٰتٖ مُّفَصَّلَٰتٖ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ وَكَانُواْ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ

ئۇلارغا سۇ ئاپىتى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (اﷲ قا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى


وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيۡهِمُ ٱلرِّجۡزُ قَالُواْ يَٰمُوسَى ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِندَكَۖ لَئِن كَشَفۡتَ عَنَّا ٱلرِّجۡزَ لَنُؤۡمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرۡسِلَنَّ مَعَكَ بَنِيٓ إِسۡرَـٰٓءِيلَ

ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمنبەرلىكنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، اﷲ قا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى


فَلَمَّا كَشَفۡنَا عَنۡهُمُ ٱلرِّجۡزَ إِلَىٰٓ أَجَلٍ هُم بَٰلِغُوهُ إِذَا هُمۡ يَنكُثُونَ

ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى



الصفحة التالية
Icon