وَلِلَّهِ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰ فَٱدۡعُوهُ بِهَاۖ وَذَرُواْ ٱلَّذِينَ يُلۡحِدُونَ فِيٓ أَسۡمَـٰٓئِهِۦۚ سَيُجۡزَوۡنَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

اﷲ نىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، اﷲ نى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، اﷲ نىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە - كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ


وَمِمَّنۡ خَلَقۡنَآ أُمَّةٞ يَهۡدُونَ بِٱلۡحَقِّ وَبِهِۦ يَعۡدِلُونَ

بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار


وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا سَنَسۡتَدۡرِجُهُم مِّنۡ حَيۡثُ لَا يَعۡلَمُونَ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا - ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز


وَأُمۡلِي لَهُمۡۚ إِنَّ كَيۡدِي مَتِينٌ

ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر


أَوَلَمۡ يَتَفَكَّرُواْۗ مَا بِصَاحِبِهِم مِّن جِنَّةٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٌ

ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر


أَوَلَمۡ يَنظُرُواْ فِي مَلَكُوتِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٖ وَأَنۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَدِ ٱقۡتَرَبَ أَجَلُهُمۡۖ فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَهُۥ يُؤۡمِنُونَ

ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، اﷲ نىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللاھ ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟



الصفحة التالية
Icon