۞وَيَسۡتَنۢبِـُٔونَكَ أَحَقٌّ هُوَۖ قُلۡ إِي وَرَبِّيٓ إِنَّهُۥ لَحَقّٞۖ وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ

ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن


وَلَوۡ أَنَّ لِكُلِّ نَفۡسٖ ظَلَمَتۡ مَا فِي ٱلۡأَرۡضِ لَٱفۡتَدَتۡ بِهِۦۗ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَۖ وَقُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡقِسۡطِ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ

ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم (يەنى كاپىر) يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە مالىك بولىدىغان بولسا (اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ (يەنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى خالايىقنىڭ) ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ


أَلَآ إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ أَلَآ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

راستلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، راستلا اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، لېكىن ئۇلار (يەنى ئىنسانلار) نىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ


هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

اﷲ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر



الصفحة التالية
Icon