وَمَا تَكُونُ فِي شَأۡنٖ وَمَا تَتۡلُواْ مِنۡهُ مِن قُرۡءَانٖ وَلَا تَعۡمَلُونَ مِنۡ عَمَلٍ إِلَّا كُنَّا عَلَيۡكُمۡ شُهُودًا إِذۡ تُفِيضُونَ فِيهِۚ وَمَا يَعۡزُبُ عَن رَّبِّكَ مِن مِّثۡقَالِ ذَرَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِ وَلَآ أَصۡغَرَ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡبَرَ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٍ

سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان - زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى اﷲ نىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر


أَلَآ إِنَّ أَوۡلِيَآءَ ٱللَّهِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

راستلا اﷲ نىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقۇش، (دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر


ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ

ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر


لَهُمُ ٱلۡبُشۡرَىٰ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۚ لَا تَبۡدِيلَ لِكَلِمَٰتِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ

ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، اﷲ نىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ)، اﷲ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر



الصفحة التالية
Icon