ثُمَّ بَعَثۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِم مُّوسَىٰ وَهَٰرُونَ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ بِـَٔايَٰتِنَا فَٱسۡتَكۡبَرُواْ وَكَانُواْ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ

ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى


فَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ مِنۡ عِندِنَا قَالُوٓاْ إِنَّ هَٰذَا لَسِحۡرٞ مُّبِينٞ

ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى


قَالَ مُوسَىٰٓ أَتَقُولُونَ لِلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَكُمۡۖ أَسِحۡرٌ هَٰذَا وَلَا يُفۡلِحُ ٱلسَّـٰحِرُونَ

مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى


قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا لِتَلۡفِتَنَا عَمَّا وَجَدۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَا وَتَكُونَ لَكُمَا ٱلۡكِبۡرِيَآءُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا نَحۡنُ لَكُمَا بِمُؤۡمِنِينَ

ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە زېمىن (يەنى مىسىر زېمىنى) نىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى


وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ ٱئۡتُونِي بِكُلِّ سَٰحِرٍ عَلِيمٖ

پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى



الصفحة التالية
Icon