فَلَمَّا سَمِعَتۡ بِمَكۡرِهِنَّ أَرۡسَلَتۡ إِلَيۡهِنَّ وَأَعۡتَدَتۡ لَهُنَّ مُتَّكَـٔٗا وَءَاتَتۡ كُلَّ وَٰحِدَةٖ مِّنۡهُنَّ سِكِّينٗا وَقَالَتِ ٱخۡرُجۡ عَلَيۡهِنَّۖ فَلَمَّا رَأَيۡنَهُۥٓ أَكۡبَرۡنَهُۥ وَقَطَّعۡنَ أَيۡدِيَهُنَّ وَقُلۡنَ حَٰشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا مَلَكٞ كَرِيمٞ

ئۇ (يەنى زۈلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۇسۇفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن دېدى، ئۇلار يۇسۇفنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) اﷲ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى


قَالَتۡ فَذَٰلِكُنَّ ٱلَّذِي لُمۡتُنَّنِي فِيهِۖ وَلَقَدۡ رَٰوَدتُّهُۥ عَن نَّفۡسِهِۦ فَٱسۡتَعۡصَمَۖ وَلَئِن لَّمۡ يَفۡعَلۡ مَآ ءَامُرُهُۥ لَيُسۡجَنَنَّ وَلَيَكُونٗا مِّنَ ٱلصَّـٰغِرِينَ

ئۇ (يەنى زۈلەيخا): «مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى


قَالَ رَبِّ ٱلسِّجۡنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدۡعُونَنِيٓ إِلَيۡهِۖ وَإِلَّا تَصۡرِفۡ عَنِّي كَيۡدَهُنَّ أَصۡبُ إِلَيۡهِنَّ وَأَكُن مِّنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ

يۇسۇف: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى



الصفحة التالية
Icon