وَلَمَّا فَصَلَتِ ٱلۡعِيرُ قَالَ أَبُوهُمۡ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَۖ لَوۡلَآ أَن تُفَنِّدُونِ
كارۋان (مىسىردىن شانغا قاراپ) قوزغالغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): «مەن چوقۇم يۇسۇفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار (يۇسۇفنى ئەلۋەتتە ھايات دەيتتىم)» دېدى
قَالُواْ تَٱللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَٰلِكَ ٱلۡقَدِيمِ
ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر): «اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن» دېدى
فَلَمَّآ أَن جَآءَ ٱلۡبَشِيرُ أَلۡقَىٰهُ عَلَىٰ وَجۡهِهِۦ فَٱرۡتَدَّ بَصِيرٗاۖ قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، اﷲ نىڭ بىلدۈرىشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى
قَالُواْ يَـٰٓأَبَانَا ٱسۡتَغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَآ إِنَّا كُنَّا خَٰطِـِٔينَ
ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى
قَالَ سَوۡفَ أَسۡتَغۡفِرُ لَكُمۡ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
يەئقۇب: «پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. اﷲ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر» دېدى