وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ دَآئِبَيۡنِۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ

سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى


وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلۡتُمُوهُۚ وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَظَلُومٞ كَفَّارٞ

اﷲ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم، شەك - شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر


وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ رَبِّ ٱجۡعَلۡ هَٰذَا ٱلۡبَلَدَ ءَامِنٗا وَٱجۡنُبۡنِي وَبَنِيَّ أَن نَّعۡبُدَ ٱلۡأَصۡنَامَ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! بۇ جاينى (يەنى مەككىنى) تىنچ (جاي) قىلىپ بەرگىن، مېنى ۋە مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن


رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضۡلَلۡنَ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِۖ فَمَن تَبِعَنِي فَإِنَّهُۥ مِنِّيۖ وَمَنۡ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

پەرۋەردىگارىم! ئۇلار (يەنى بۇتلار) نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىكەن، سەن ئەلۋەتتە (ئۇنىڭغا) مەغپىرەت قىلىشقا ۋە مەرھەمەت قىلىشقا (قادىرسەن)


رَّبَّنَآ إِنِّيٓ أَسۡكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيۡرِ ذِي زَرۡعٍ عِندَ بَيۡتِكَ ٱلۡمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱجۡعَلۡ أَفۡـِٔدَةٗ مِّنَ ٱلنَّاسِ تَهۡوِيٓ إِلَيۡهِمۡ وَٱرۡزُقۡهُم مِّنَ ٱلثَّمَرَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَشۡكُرُونَ

پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن



الصفحة التالية
Icon