وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِنَ ٱلۡقُرُونِ مِنۢ بَعۡدِ نُوحٖۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرَۢا بَصِيرٗا

نۇھتىن كېيىن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر


مَّن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡعَاجِلَةَ عَجَّلۡنَا لَهُۥ فِيهَا مَا نَشَآءُ لِمَن نُّرِيدُ ثُمَّ جَعَلۡنَا لَهُۥ جَهَنَّمَ يَصۡلَىٰهَا مَذۡمُومٗا مَّدۡحُورٗا

بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ


وَمَنۡ أَرَادَ ٱلۡأٓخِرَةَ وَسَعَىٰ لَهَا سَعۡيَهَا وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَأُوْلَـٰٓئِكَ كَانَ سَعۡيُهُم مَّشۡكُورٗا

كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ


كُلّٗا نُّمِدُّ هَـٰٓؤُلَآءِ وَهَـٰٓؤُلَآءِ مِنۡ عَطَآءِ رَبِّكَۚ وَمَا كَانَ عَطَآءُ رَبِّكَ مَحۡظُورًا

بۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنىدىن بېرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنى (ھېچ ئادەمدىن) مەنئى قىلىنمايدۇ


ٱنظُرۡ كَيۡفَ فَضَّلۡنَا بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ وَلَلۡأٓخِرَةُ أَكۡبَرُ دَرَجَٰتٖ وَأَكۡبَرُ تَفۡضِيلٗا

ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاخىرەت دەرىجىلىرىدىكى (پەرق) ئەلۋەتتە تېخىمۇ چوڭدۇر ۋە ئۈستۈنلۈك (جەھەتتىكى پەرق) زىيادە چوڭدۇر



الصفحة التالية
Icon