أَفَأَصۡفَىٰكُمۡ رَبُّكُم بِٱلۡبَنِينَ وَٱتَّخَذَ مِنَ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةِ إِنَٰثًاۚ إِنَّكُمۡ لَتَقُولُونَ قَوۡلًا عَظِيمٗا

ئەجەبا اﷲ سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟ ھەقىقەتەن سىلەر چوڭ سۆزنى قىلىۋاتىسىلەر


وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لِيَذَّكَّرُواْ وَمَا يَزِيدُهُمۡ إِلَّا نُفُورٗا

ئۇلارنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ (ۋەز - نەسىھەتنى) قۇرئاندا تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلدۇق، (بۇنىڭ بىلەن) ئۇلار (ھەقىقەتەن) تېخىمۇ يىراقلاشماقتا


قُل لَّوۡ كَانَ مَعَهُۥٓ ءَالِهَةٞ كَمَا يَقُولُونَ إِذٗا لَّٱبۡتَغَوۡاْ إِلَىٰ ذِي ٱلۡعَرۡشِ سَبِيلٗا

مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، اﷲ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان تەقدىردە ئەرش ئىگىسى (اﷲ ئۈستىدىن) غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يول ئىزدىگەن بولاتتى


سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَقُولُونَ عُلُوّٗا كَبِيرٗا

اﷲ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر


تُسَبِّحُ لَهُ ٱلسَّمَٰوَٰتُ ٱلسَّبۡعُ وَٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهِنَّۚ وَإِن مِّن شَيۡءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمۡدِهِۦ وَلَٰكِن لَّا تَفۡقَهُونَ تَسۡبِيحَهُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ حَلِيمًا غَفُورٗا

يەتتە ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار اﷲ نى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، اﷲ نى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ (يەنى اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر، اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر



الصفحة التالية
Icon