قَالُوٓاْ أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ

ئۇلار ئېيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە (ئۇۋۇلۇپ كەتكەن) سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن، چوقۇم قايتا تىرىلەمدۇق؟


لَقَدۡ وُعِدۡنَا نَحۡنُ وَءَابَآؤُنَا هَٰذَا مِن قَبۡلُ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

ھەقىقەتەن بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر»


قُل لِّمَنِ ٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهَآ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

ئېيىتقىنكى، «زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)»


سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

ئۇلار: «اﷲ نىڭ» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەند - نەسىھەت ئالمامسىلەر؟


قُلۡ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ ٱلسَّبۡعِ وَرَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ

ئېيىتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟»


سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ

ئۇلار «اﷲ» دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، «ئۇنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»


قُلۡ مَنۢ بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيۡهِ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

ئېيىتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)»



الصفحة التالية
Icon