وَمَكَرُواْ مَكۡرٗا وَمَكَرۡنَا مَكۡرٗا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ

ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن) سۇيىقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق


فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ مَكۡرِهِمۡ أَنَّا دَمَّرۡنَٰهُمۡ وَقَوۡمَهُمۡ أَجۡمَعِينَ

ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق


فَتِلۡكَ بُيُوتُهُمۡ خَاوِيَةَۢ بِمَا ظَلَمُوٓاْۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ

ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالى بولۇپ قالدى. اﷲ نىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار


وَأَنجَيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ

(سالىھ بىلەن) ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق


وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ وَأَنتُمۡ تُبۡصِرُونَ

(لۇتنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن) ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر


أَئِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ شَهۡوَةٗ مِّن دُونِ ٱلنِّسَآءِۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ تَجۡهَلُونَ

سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر»



الصفحة التالية
Icon