لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡۚ فَتَمَتَّعُواْ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ

ئۇلار بىزنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە نا شۈكۈرلۈك قىلىپ باقسۇن، (ئى مۇشرىكلار!) (دۇنيا تىرىكچىلىكىدە سىلەرگە بەرگەن نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن بولۇڭلار، سىلەر (پانىي دۇنيانىڭ نېمىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىسىلەر


أَمۡ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٗا فَهُوَ يَتَكَلَّمُ بِمَا كَانُواْ بِهِۦ يُشۡرِكُونَ

ياكى ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنىشىنىڭ توغرىلىقىنى سۆزلەيدىغان بىرەر كىتاب نازىل قىلدۇقمۇ؟ (مۇنداق بولغىنى يوق)


وَإِذَآ أَذَقۡنَا ٱلنَّاسَ رَحۡمَةٗ فَرِحُواْ بِهَاۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ إِذَا هُمۡ يَقۡنَطُونَ

ئىنسانلارغا رەھمەتنى تېتىتساق، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، دەرھال ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ


أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ

ئۇلار بىلمەمدۇكى، اﷲ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (رىزىق بەرگەن اﷲ نىڭ ھېكمىتىگە) ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار


فَـَٔاتِ ذَا ٱلۡقُرۡبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلۡمِسۡكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يُرِيدُونَ وَجۡهَ ٱللَّهِۖ وَأُوْلَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ

خىش - ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (سىلە - رەھىم ۋە ياخشىلىقتىن تېگىشلىك) ھەققىنى بەرگىن، اﷲ نىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر



الصفحة التالية
Icon