ساڭا مۇسا (نىڭ ۋاپاتى) دىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر جامائەنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر[246].