(ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىيمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ[15].


الصفحة التالية
Icon