يېتىملەرنى نىكاھلىنىش يېشىغا يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار. ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال ـ مۈلكىنى بۇزۇپ ـ چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي بولسا، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال ـ مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل بولسا، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر[6].