سۈرە مائىدە


يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَوۡفُواْ بِٱلۡعُقُودِۚ أُحِلَّتۡ لَكُم بَهِيمَةُ ٱلۡأَنۡعَٰمِ إِلَّا مَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ غَيۡرَ مُحِلِّي ٱلصَّيۡدِ وَأَنتُمۡ حُرُمٌۗ إِنَّ ٱللَّهَ يَحۡكُمُ مَا يُرِيدُ

ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى اﷲ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە (بۇ سۈرىدە تۆۋەندە) ئوقۇپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا، ھايۋانلار، (يەنى تۆگە، كالا، قويلار) نىڭ ھەممىسىنى (زەبھى قىلىنغاندىن كېيىن يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ (ھالال - ھارام توغرۇلۇق) خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ


يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُحِلُّواْ شَعَـٰٓئِرَ ٱللَّهِ وَلَا ٱلشَّهۡرَ ٱلۡحَرَامَ وَلَا ٱلۡهَدۡيَ وَلَا ٱلۡقَلَـٰٓئِدَ وَلَآ ءَآمِّينَ ٱلۡبَيۡتَ ٱلۡحَرَامَ يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّهِمۡ وَرِضۡوَٰنٗاۚ وَإِذَا حَلَلۡتُمۡ فَٱصۡطَادُواْۚ وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنَـَٔانُ قَوۡمٍ أَن صَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ أَن تَعۡتَدُواْۘ وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

ئى مۆمىنلەر! اﷲ نىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (يەنى ھەجدە تائەتنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان ئىشلارنى) (تەرك ئېتىش بىلەن) شەھرى ھەرەم (دا ئۇرۇش قىلىش) نى، ھەدىيىنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى)، قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە) لەرگە (چېقىلىشنى)، پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا (ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) كەلگۈچىلەرگە (چېقىلىشنى) ھالال سانىماڭلار، ئىھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋم (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، اﷲ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق



الصفحة التالية
Icon